TSK

TSK · دانىيال 2:45

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر.

لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

شۇڭا سەن ئۇلۇغسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قۇلاقلىرىمىز بارلىق ئاڭلىغىنىدەك، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر.

كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم.

« ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر!

چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.

شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ.  

ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەيلا. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرگەيلا، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەي، ــ دېدى.

ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ.   

شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى بارلىق ئەللەرگە ئېغىر يۈك بولغان تاش قىلىمەن؛ كىم ئۇنى ئۆزىگە يۈكلىسە يارىلانماي قالمايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ.

ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن.

[بىر كۈنى] پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛

شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەن ئىشلارنى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە بۇلاردىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر.

ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار!