TSK

TSK · دانىيال 3:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ــ سىلەر قاچانلىكى ئىبرانىي خوتۇنلارنى تۇغدۇرساڭلار، تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار؛ بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز بولسا، تىرىك قويۇڭلار، ــ دېدى.

ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى.

ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا جەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە جەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا چاڭلارنى چالاتتى.

پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى).

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار!

ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟

ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛

قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي!

ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! ــ دېدى.

چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر،

ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى.