TSK

TSK · دانىيال 3:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن،

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسال قىلىنىپ بابىلدا تۇرغان يەھۇدادىكى بارلىق سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئاغزىدا: «پەرۋەردىگار سېنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئوتتا كاۋاب قىلغان زەدەكىيا ۋە ئاھابدەك قىلسۇن!» دېگەن لەنەت سۆزى بولىدۇ؛

پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ!

شۇنداقلا كىمكى يەرگە باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، ئۇ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلانسۇن دەپ پەرمان قىلغانىدىلا.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى.

يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى.

ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى.

ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ».