دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ
TSK
TSK · دانىيال 6:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ [قىلغىنى] مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛
ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. سېلاھ.
ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم!
ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى.
كىمكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، شۇئان دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ، ــ دەپ جاكارلىدى.
بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى.
خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى.
شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى.
ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى.
لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى».