شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى،
TSK
TSK · دانىيال 8:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھاقالىيانىڭ ئوغلى نەھەمىيا شۇنداق بايان قىلدىكى: ــ يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا، مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇراتتىم،
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى.
بۇ دۈشمەن ۋە زەھەرخەندە مانا مۇشۇ رەزىل ھامان! ــ دېۋىدى، ھامان پادىشاھ بىلەن خانىش ئالدىدا شۇ زاماتلا دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
شۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە قەتل قىلىنغان ئادەم سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى.
شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.
زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،
مانا ئېلام ۋە ئۇنىڭ گۆرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان، ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان پېتى يەر تېگىلىرىگە چۈشكەنلەر ــ يەنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ئۆز ۋەھشىتىنى سالغانلار! بىراق ھازىر ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە چۆمىدۇ.
مەنكى دانىيالنىڭ ۋۇجۇدۇم، دىل-روھىم بەك بىئاراملىققا چۆمدى، كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلدى.
خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ،