TSK

TSK · دانىيال 9:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: —

لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ!

قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن، دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە [قارىغايسەن]؛

ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!

ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!

جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.

ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!

شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر.