ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ــ ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، ــ دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
TSK
TSK · دانىيال 9:22
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇ زات ماڭا: ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.
شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ!
ئاندىن مەن قارىۋىدىم، مانا، ئاسماندا بىر ئىشىك ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز ماڭا: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇلاردىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتەي» دېدى