TSK

TSK · دانىيال 9:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، سەن [پەرۋەردىگار] مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن.

مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛ ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك، دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك، ئەشەددىيلەرچە [تاجنى] يەرگە ئۇرىدۇ.

ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى.  

ئۇ [ئەمىر خۇدانىڭ] خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر [دوستلۇق] ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» [مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، [يەنى خۇدا] بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ».

[شىمالىي پادىشاھ] بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ [مىسىرغا] يول ئالىدۇ؛ ئۇ [مىسىر] بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق [مىسىرنىڭ] ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى [مىسىر] پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن [قىزى] ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ.

[رەب]: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە [پەرۋەردىگار] بولمايمەن» دېدى.

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛ ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ مىسىرنىڭ دەرياسىدەك [ئۆركەشلەپ]، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.

ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ.

مانا، ئەمدى ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ!   

سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس.

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.

چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ.

ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ.  

ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ،

ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى

ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى: ــ بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ.

ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.   

ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.