پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.
TSK
TSK · دانىيال 9:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ.
پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى.
شۇڭا پەرۋەردىگار [ئۆز خەلقىگە] مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر تۆت ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىسىلەر؛ شۇڭا يولۇڭلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭلار، قەدىمكى، ياخشىلىققا ئېلىپ بارغان يوللارنى سوراپ، ئۇلاردا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا جېنىڭلار ئوبدان ئارام تاپىدۇ. لېكىن ئۇلار: «بىز شۇلاردا ماڭمايمىز!» ــ دەيدۇ.
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان.
لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)،
ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن [شەھەرنى يوقىتىمەن].
«سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز!
ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ.
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى [ئەيسانى] تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.