شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار».
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 12:25
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر،
سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر سەن ھەممە بۇيرۇغانلىرىمنى ئاڭلاپ، مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، قۇلۇم داۋۇت قىلغاندەك مېنىڭ بەلگىلىرىم بىلەن ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ، ئەمدى مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە داۋۇتقا بىر جەمەت تىكلىگىنىمدەك، ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر جەمەت تىكلەيمەن ۋە ئىسرائىلنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.
چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى!