TSK

TSK · قانۇن شەرھى 7:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرگىمۇ ئېيتىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىمۇ سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىڭنى، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز كۆرۈنگەنلىكىڭنى، سېنىڭ بۇلۇتىڭ دائىم ئۇلارغا سايە چۈشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىڭنى ئاڭلىغانىدى.

ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى.

ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر.  

چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛

ئاندىن ئۇنىڭ شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئۇ: «مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالىمايمەن»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا،

ئاندىن يەشۇئا: ــ مانا، سىلەر شۇ ئىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھايات تەڭرىنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر ــ پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ھالىمىزغا ۋاي! بىزنى بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ مانا باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالا-ۋابالار بىلەن ئۇرغان ئىلاھلار دەل شۇلاردۇر!

مۇنداق دېدىم: ــ «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى،

ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز.

خۇدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ يەر ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ؛ خۇدا تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ.

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛ ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! سېلاھ!

ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، قۇدرەتلىك ياھ، ساڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ ئەتراپىڭدا ھەقىقەت-ساداقىتىڭ تۇرۇقلۇقتۇر.

ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر! جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر!

مانا، مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرگە كىشىلەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئاپقۇر قىلىمەن؛ يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان مۇھاسىرە يەھۇداغىمۇ چۈشىدۇ.