چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ ئۆتىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىدا مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىرنىڭ بارلىق بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 21:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن.
خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما.
بەلكى ئۇ قېشىڭدا مەدىكار ياكى مۇساپىردەك تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلىغىچە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولسۇن؛
شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛
خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك.
لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى.
شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن دېسىلە، (ۋە دەرۋەقە ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسىلا) ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى.
ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن.