TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 21:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەساۋ: ــ قانائانيلارنىڭ قىزلىرى ئاتام ئىسھاقنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈنىدىكەن، دەپ بىلىپ يەتتى.

بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن».

كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن.

بىراق ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بىر قىز چىقماسمۇ؟ نېمىشقا خەتنىسىز بولغان فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن خوتۇن ئالماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى؛ ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: ــ ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى، ــ دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ: ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى.

يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى.