TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 32:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى.

قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە،  

ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ.

ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ــ دېدى.