TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 5:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ئىسرائىللارغا دەپ بەردى؛ لېكىن ئۇلار ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن پىغانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى.

پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى.

ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى.

خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ.

چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛