بىراق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئادالەت يۈرگۈزگىنىدە ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى تەڭرى ھەققانىيلىقىدىن پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىنىدۇ.
TSK
TSK · ئەزاكىيال 39:27
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار تارقىتىلغان ئەللەر ئارىسىدىن ئىسرائىل جەمەتىنى قايتىدىن يىغقىنىمدا، ئۇلاردا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مەن ئۆز قۇلۇم بولغان ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئولتۇرىدۇ؛
«رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن.
مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ھازىر ياقۇپنى سۈرگۈن بولغانلىقىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە رەھىم قىلىپ، ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن ئوتلۇق قىزغىنلىقىمنى كۆرسىتىمەن.