TSK

TSK · گالاتىيالىقلارغا 6:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.

پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر!

بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار.

«مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ.

ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر.

لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق [ئەربابلار] دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى [خۇش خەۋەرگە] قوشقىنى يوق ئىدى.  

ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار.

ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.