TSK

TSK · يارىتىلىش 13:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى.  

شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى.

ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر.

ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!

چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن.

شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن.