TSK

TSK · يارىتىلىش 27:35

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى.

سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟

[بەزىلەر يەنە]: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» [دېيىشى مۇمكىن].

بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.