TSK

TSK · يارىتىلىش 39:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى.

چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى.

چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ.

ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى.  

بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ!