يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى.
TSK
TSK · يارىتىلىش 42:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى.
لېكىن بۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر؛ شۇنى ئوبدان بىلىشىڭلار كېرەككى، گۇناھىڭلار ئۆزۈڭلارنى قوغلاپ بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.
داۋۇت ناتانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىم ــ دېدى. ناتان داۋۇتقا: پەرۋەردىگار ھەم گۇناھىڭدىن ئۆتتى؛ سەن ئۆلمەيسەن.
ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ــ «مەن گۇناھ قىلدىم، توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى!
ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا، جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا،
مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس.
قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!
ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن.
چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ.
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن [لازارۇس] ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى.
چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ.