ئىككىنچى چەك شىمېئونغا چىقتى، يەنى شىمېئونلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى بولسا يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئارىسىدا ئىدى.
TSK
TSK · يارىتىلىش 49:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ۋاقىتتا لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ،
بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى.
ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى.
ئۇلار قوي پادىلىرىغا ئوتلاق ئىزلەپ تاكى گەدور ئېغىزىغىچە، يەنى جىلغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە بارغانىدى.
ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ.
تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.