TSK

TSK · يارىتىلىش 6:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى.

شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر!

ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى.

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛

ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى.  

شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى.