ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛
TSK
TSK · يەشايا 59:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن؛ مەن سېنى قوغدايمەن، سېنى خەلقىمگە ئەھدە سۈپىتىدە بېرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ سەن زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرىسەن، [خەلقىمنى] خارابە بولۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىسەن،
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر!
چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ.
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ.
ۋە مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن قايتا ھېچ يوشۇرمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە ئۆز روھىمنى قۇيغان بولىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر.
مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!
ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس.
روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟
لېكىن ھازىر ئۇ ([كونا ئەھدىگە ئائىت] ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ.