TSK

TSK · ياقۇپ 3:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا،

شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن!

سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار.

بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.

چۈنكى ئۆز سۆزلىرىڭ بىلەن يا ھەققانىي ئىسپاتلىنىسەن، يا سۆزلىرىڭلار بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلىسەن.

بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.

ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئالەمنى گۇناھنىڭ ئىلكىگە قاماپ قويغان؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھنىڭ ساداقەت-ئېتىقادى ئارقىلىق ۋەدىنىڭ ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر.

بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز.

ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!   

بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر.

شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل [تېنىمىزنىڭ] كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار!

ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.