TSK

TSK · ياقۇپ 5:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار.

ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇ خۇشال-خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ، ھەمدە [خۇدا] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ.

بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن».

تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى، ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى!

ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛

داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛

ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى.

«مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.  

بارلىق خەلقلەر ئۆز «ئىلاھ»ىنىڭ نامىدا ماڭسىمۇ، بىراق بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئەبەدىلئەبەدگىچە ماڭىمىز.

ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.

مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛

ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.

ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى [گۇناھلىرىنىڭ] بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى.