ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ.
TSK
TSK · يەرەمىيا 21:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ.
«كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرىۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن.
چۈنكى گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلارغا جەڭ قىلىدىغان كالدىيلەرنىڭ تولۇق قوشۇنىنى ئۇرۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ ۋە ئۇلارنىڭكىدىن پەقەت يارىلانغانلارلا قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنىلا ئۆز چېدىرىدىن تۇرۇپ بۇ شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى.
يەرەمىيا زەدەكىياغا: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئىختىيارەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ تەسلىم بولساڭ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ ۋە بۇ شەھەر ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلمەيدۇ؛ سەن ۋە ئۆيدىكىلىرىڭ ھايات قالىسىلەر.
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، قاچىلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛
ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.