TSK

TSK · ئايۇپ 21:30

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يەشۇئا: ــ ئۇنداق بولسا غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى يۇمىلىتىپ قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئادەملەرنى كۆزەتكە قويۇڭلار.

ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ.

خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.

پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ.

ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن.

ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ.  

چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!».