TSK

TSK · يۇھاننا 1:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى.

بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى.

ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.  

ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس!

مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ   

قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر.

چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

ئۇ بىزنى [ئۆزى ياراتقان بارلىق] مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى.   

چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى.   

ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز.   

ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.

چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر.