TSK

TSK · يۇھاننا 15:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

«ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ «سىلەرنى نامىمغا [سادىق بولغانلىقىڭلار] تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: ــ «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» ــ دېدى؛ بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ.

ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر.

ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.

كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك!

ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر.

ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن.

چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.

ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان:

بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.  

بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر.

شۇنداق، سېنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭنى ئەمما ئېرىنمىگەنلىكىڭنى بىلىمەن.