TSK

TSK · يۇھاننا 19:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

خەلقلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزىگە ئاتاپ تەييارلىتىپ كولىغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەتتارلارنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تەڭشەلگەن ھەرتۈرلۈك دورا-دەرماندىن بولغان بىر ئارىلاشما پۈركەلگەن جىنازىغا ياتقۇزدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن خۇشبۇي ياندۇردى.

ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم.

سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار.

لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ.

يەھۇدىيلار [كېڭەشمىسىنىڭ] پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى.

ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛