پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 19:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر.
ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. يەھۇدىيلار: ــ بىزنىڭ ھېچكىمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، ــ دېيىشتى.
لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ [توۋلاشتى]. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى [رىملىقلارغا] تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن [ۋالىي] پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار.
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى [ئەيسانى] تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.