TSK

TSK · يۇھاننا 4:19

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ مەلۇم بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، مېنىڭ روھىم شۇ چاغدا سېنىڭ بىلەن بىرگە بارغان ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلەر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن باغلىرى بىلەن ئۈزۈمزارلار، قوي بىلەن كالا، مالايلار بىلەن كېنىزەكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتمۇ؟

خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.

ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى.

ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى.

ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.   

ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى.