ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى).
TSK
TSK · يۇھاننا 4:20
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بەخت-بەرىكەتنى گەرىزىم تېغى ئۈستىدە ۋە لەنەتنى ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر.
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلار، يەنى شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ بىلەن بىنيامىنلار گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىسۇن.
ئاندىن پۈتكۈل شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللودىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى.
شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى.
ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم.
بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان.