TSK

TSK · يۇھاننا 4:23

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ــ شۇڭا ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار.

ئى خۇدايىم، شۇنى بىلىمەنكى، سەن ئىنساننىڭ قەلبىنى سىناپ، دۇرۇسلۇقتىن خۇرسەن بولىسەن؛ مەن بولسام دۇرۇس قەلبىمدىن بۇلارنى ئىختىيارەن تەقدىم قىلدىم؛ ۋە بۇ يەردە ھازىر تۇرغان خەلقىڭنىڭمۇ ساڭا تەقدىم قىلغىنىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۆردۈم.

پەرۋەردىگار رەزىللىكلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، روھىدا ھېچقانداق ھىيلىلىك يوق كىشى بەختلىكتۇر!

پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.

ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!»

شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ.

ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛  

ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار، «يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر، بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس! مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ

شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن.

ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ

چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.   

ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.   

مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر.   

چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز.   

ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى.  

چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز.

لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ،