سامۇئىل سائۇلغا: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مەن ئۆزۈم شۇ. مەندىن ئاۋۋال يۇقىرى جايغا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن تائام يەيسىلەر؛ ئەتە سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، كۆڭلۈڭدىكى ھەربىر ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
TSK
TSK · يۇھاننا 4:29
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سامۇئىل «1» 9:19
TSK
يۇھاننا 1:41
TSK
ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ)
يۇھاننا 4:25
TSK
ئايال ئۇنىڭغا: ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى.
يۇھاننا 7:31
TSK
لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق [مۆجىزە] يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى.
ۋەھىي 22:17
TSK
روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.