ۋە شۇنداق بولدىكى، يەروبوئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قاراپ جاكارلىغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قۇربانگاھتا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ: ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا قارىتىپ سوزغان قولى شۇنىڭ بىلەن شۇ پېتى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنى ئۆزىگە يەنە يىغالمىدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 5:3
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر.
ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى.