TSK

TSK · يۇھاننا 5:37

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار.

ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى.

ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟

ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!

ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا [سىلەرگە بايان قىلىمىز]

ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟