TSK

TSK · يۇھاننا 6:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا،

خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن نورما بويىچە ئات-قېچىرلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى [نازارەتىچىلەر بار] يەرگە ئېلىپ كېلەتتى.

ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە ۋە ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ، ــ دېدى.

بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى.

ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ.

لېكىن مۇخلىسلار: ــ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، ــ دېيىشتى.

ئەيسا ئۇلارغا: ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن: ــ بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، ــ دېيىشتى.

لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار.

مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى.

چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر.