نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن.
TSK
TSK · يۇھاننا 7:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!».
ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ.
چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر!
ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
بىراق ناتانىيەل: ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى. كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ.
[ھالبۇكى]، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ.
مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.
نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟
مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ.
ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.
ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى.
ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى.
ئەمما خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرغىنىدەك، بىزنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىمىز بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» بولمايدۇ؛
(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛
بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر.