ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.
مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت [ئاتامدىن] ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.
ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى
ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى.
چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە،