TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 7:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە: ــ قورقماي، تىك تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ بۈگۈن سىلەرگە يۈرگۈزىدىغان نىجاتىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.

ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سۇرىيلەر قاچتى؛ ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلىدى. سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد بولسا ئاتقا مىنىپ ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى.

كەچقۇرۇن قوزغىلىپ چېدىرلىرىنى، ئات بىلەن ئېشەكلىرىنى تاشلاپ لەشكەرگاھنى شۇ پېتى قويۇپ، ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەر قاچقانىدى.

سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى.

يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر.

شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر.