TSK

TSK · لاۋىيلار 21:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.

ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە كېيىن ئوغۇللىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلار مەسىھلىنىپ، كاھىنلىققا تەيىنلەنگەندە شۇ كىيىملەرنى كىيسۇن.

[ھارۇنغا] كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى.

مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن.

كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ،

جامائەت تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قان قىساس ئالغۇچى كىشىنىڭ قولىدىن جەزمەن قۇتقۇزۇۋالسۇن؛ ئۇلار ئۇنى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىگە [ئامان-ئېسەن] قايتۇرۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن مۇقەددەس ماي بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ شۇ شەھەردە تۇرسۇن.

موردىكاي يەنىلا ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى؛ ھامان بولسا غەم-قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى چۈمكىگەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛