TSK

TSK · لاۋىيلار 25:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى.

مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بېكىتىپ بەردى؛ شۇڭا يەتتىنچى كۈنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سىرتلارغا چىقمىسۇن دەپ، ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق بېرىدۇ»، ــ دېدى.

شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ.

سېنىڭ ئامبارلىرىڭدا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا پەرۋەردىگار ئۈستۈڭگە بەخت-بەرىكەت بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.