ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى.
TSK
TSK · لۇقا 13:16
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى.
«ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى.
سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر.
ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر.