TSK

TSK · لۇقا 5:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم.

[بىر كۈنى]، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛

ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، گىننىسارەت يۇرتىدا [قۇرۇقلۇققا] چىقتى.

ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىنى قىستاپ قويمىسۇن دەپ مۇخلىسلىرىغا كىچىك بىر كېمىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇشىنى تاپىلىدى.

ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىننىسارەت دېگەن يۇرتتا [قۇرۇقلۇققا] چىقىپ، كېمىنى باغلاپ قويدى.

شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.