يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟
TSK
TSK · ماركۇس 12:3
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.
بۇنى ئاڭلاپلا ئاسا ئالدىن كۆرگۈچىگە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويدى؛ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قەھرى قايناپ كەتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا خەلقتىن بەزىلىرىگە زۇلۇم سېلىشقا باشلىغانىدى.
بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى.
(پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى.
ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى قاماقخانىغا سولىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ ئۆينى زىندانغا ئايلاندۇرغانىدى.
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن.
بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق.
شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.
ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس.
پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار،
يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛