TSK

TSK · ماركۇس 13:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

دەرۋەقە ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلگەن، قايتىدىن يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۆز پالانغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئىلاج قىلىدۇ.

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر.

بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!  

ــ [مەن]: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى.

ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!  

سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.

سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار.