ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى.
TSK
TSK · ماركۇس 3:11
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى.
كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: ــ بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دېيىشتى.
سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ:
كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: ــ بۇ كىشىلەر ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ قۇللىرى، ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ! ــ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.
ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ!