رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ، مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛ قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛
TSK
TSK · ماركۇس 3:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن باشقا نازارەتچى ۋە ۋەزىرلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدىن سەۋەنلىك ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار ئەرز قىلغۇدەك ھېچقانداق باھانە-سەۋەب ياكى سەۋەنلىك تاپالمىدى. چۈنكى دانىيال دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىلچە كەمچىلىك ياكى سەۋەنلىك چىقىرالمىغانىدى.
ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.
ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى.
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.